قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېنىستىتوتىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017-09-11 19:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېنىستىتوتىنىڭ تىجارەت باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مالىيە مىنىستىرى شياۋ جې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇڭۋىي ۋۇيەن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخانىزىمىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ مۇدىرى سۈن بويا تىجارەت باشلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخانىزىمىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىدىكى ئالاقىدار خەلقئارالىق ھەمراھلار ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ۋەكىللەر مۇراسىمغا قاتناشتى.
مالىيە مىنىستىرى شياۋ جې مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنى قۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش-- جۇڭگو شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ تىجارەت باشلىشى-- ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تارىخىدىكى ئابىدە خاراكتىرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كاتتا ئىش؛ ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق تەرەققىيات شېرىكلىرىنىڭ «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»تا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتى-- كەلگۈسى تەرەققىياتتا، مەۋقەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىگە قاتنىشىدىكى مۇھىم ئىتتىرگۈچكە ئايلىنىشى؛ ئىچكى- تاشقى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا بانكىسى، ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشى؛ مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپا ھازىرلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلىنىشى لازىم.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتى شىنجاڭغا رەسمىي ماكانلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئەقلىي جەھەتتە قوللاشقا ئىگە قىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ كۆۋرۈك ۋە ۋاستىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنى نامايان قىلىشتىكى ئالماشتۇرۇش كۆزنىكىگە؛ شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى فىلولوگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەقلىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم سەھنىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ ئاۋالقىدەكلا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن قوللاپ ۋە قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشقا تىرىشىدۇ.
جۇڭۋىي ۋۇيەن مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخانىزىمى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» چاقىرىقى-- رايون ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئورتاق ئارزۇغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون خاراكتىرلىك تۈرلەردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئافغانىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى ئېكلىل ئەھمەد، پاكىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد ئىساق دار، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد- سودا مىنىستىرى نىماتۇل، ئۆزبېكىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى بەجىر خۇجايېفلار سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلاتقا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك بىلىم ئىگىلەش سۇپىسىغا ئايلىنىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. 
تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتى-- ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىخانىزىمىغا ئەزا ئەللەر بىرلىكتە تەسىس قىلغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، بىلىم مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، كەسپىي تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىقات ۋە ئەقلىي كۈچ جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى مەقسەد قىلىدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنىستىتوتىنىڭ باش شىتابى-- ئۈرۈمچىدە بولىدىكەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى