قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى جياشياڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم ناھىيە-شەھەرلەردە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلدى

2017-09-11 19:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى8- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جياشياڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم ناھىيە- شەھەرلەردە ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز، مۇھىت جەھەتتىكى كۆتۈرۈش كۈچى تۆۋەن بولۇپ، بۇزۇش ئاسان، ئەسلىگە كەلتۈرمەك تەس. شۇ سەۋەپتىن، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى تۈزەش، ياخشى بەرپا قىلىش ۋە ياخشى قوغداش كېرەك.
مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى، لى جياشياڭ ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار باشقۇرۇش رايونىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ياڭاق ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئاقسۇ گومەنتاڭ مىۋە- چىۋە چەكلىك شىركىتىنىڭ چىلانلىق بېغىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جياشياڭ مىۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قۇمنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىكولوگىيەنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائال يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرۇپ، خەق ئاممىسىغا مۇھىتنى ئاسراشنىڭ ئۈنۈمىنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك.
شۇ كۈنى، لى جياشياڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى قىزىلبايراق دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 9- ئەترىتىگە بېرىپ، ئامما ئەرز قىلغان چارۋا مال باقمىچىلىقىدىن چىققان قىغدىن بۇلغىنىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلدى. تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ مەسىلىنى بېجىرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ھازىر بۇ مەسىلە بېجىرىلىپ بولغان ھەمدە ھەر قايسى تۈزەش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشكەن.
باغراش كۆلى--- ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى. بۇلتۇر، دۆلەتنىڭ 13- بەشيىللىق پىلان مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن باشقا، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ئىكولوگىيە ئىقتىدار رايونى قىلىپ بېكىتىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى، لى جياشياڭ باغراش كۆلىدە تەكشۈرۈش- تەتقىقاتتا بولغاندا، ساياھەتچىلىكنى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەل ئاستىلاپ كەتسىمۇ، مۇھىت ئارقىلىق بەدەل تۆلەشتىن ساقلىنىش؛ باغراش كۆلىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ھەقىقىي ھالدا ياخشى قوغداش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، لى جياشياڭ شىنجاڭ مېيكىر خىمىيە سانائىتى چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ سانائەتتىن چىققان بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: كارخانا مۇھىت ئاسراشتىكى سۇبىيكتىپلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسىدە، قەتئىي شەكىلۋازلىق قىلىشقا، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى، لى جياشياڭ يەنە چەرچەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدىكى ئورگانىك چىلان ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگىلىك باغچا، چەرچەن ناھىيەسىدىكى شەرقىي دەريا قىرغىقى قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تېزگىنلەش قۇرۇلۇشى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ئۈلگىلىك باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز. ئەمما قۇمدىن ئۈنۈم يارىتىش، قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تىكلەپ، قۇمنى تېزگىلەشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى، لى جياشياڭ چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىگە بېرىپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ بۇ كەنتنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا مۇھىت ئاسراش ئېلىپ كەلگەن ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇش؛ يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى