قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 18- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) 71 مەسىلىنىڭ 68 سى بېجىرىپ بولۇندى

2017-09-11 19:48:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىستانسىمىز خەۋىرى: 
9-ئاينىڭ 7-كۈنىگەقەدەر، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 18- تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان) 71 مەسىلىنىڭ 68 سى بېجىرىپ بولۇندى.
مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان نوقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «مەسئۇل رايون»لىرىغا بېرىپ، نەق مەيداندا مەسىلىلەرنى بىجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بىسىم شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلغاچ ئۆزگەرتىپ، مۇھىت ئاسراشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالدىنقى 18 تۈركۈمدە ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغان 1093 مەسىلىنىڭ 1025 ى بېجىرىپ بولۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە، تەكشۈرۈپ بىجىرىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان مەسىلىلەردە 787 كارخانا تۈزىتىشكە بۇيرۇلدى، 258 كارخانىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلدى، جەرىمانە ئومۇمىي سوممىسى 24 مىليون 715 مىڭ يۈەن بولدى. دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن مەسىلە 1 بولۇپ، 18 ئادەم مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇلدى. 94 ئادەم سۆھبەتكە چاقىرتىلدى، 599 ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلدى.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى