قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مارالبىشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىلىق قوش تىل يەسلىسىنىڭ باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇل يېزىدىكى 13 يەسلىنى باشقۇرىدۇ

2017-09-11 19:47:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مارالبىشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىلىق قوش تىل يەسلىسىنىڭ باشلىقى ھەمراگۈل ئابدۇل يېزىدىكى 13 يەسلىنى باشقۇرىدۇ. جاسارەتكە تولغان بۇ ياش يەسلى باشلىقى يەسلى مائارىپى ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىشەنچىسى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھۆرمىتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
دۆلەتباغ يېزىلىق قوش تىل يەسلىسىدە، ھەمراگۈل ئابدۇل ساۋاقداش ماھىرەگە خەنزۇ تىلى مەشىق قىلدۇرۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، يەسلىدە ياخشى بولغان قوش تىل كەيپىياتى شەكىللەندى. مارالبىشىنىڭ ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسىدا دەسلەپتە پەقەت بىرلا مەركىزىي يەسلى بار بولۇپ، ئېھتىياجنى ھەرگىزمۇ قاندۇرالمايتتى، ھەمراھگۈل ئابدۇل تېخىمۇ كۆپ بالىنى يەسلىدە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ناھىيەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، يېزىدىكى يەسلى ناھايىتى تېزلا 5 كە تەرەققىي قىلدى. يەسلى باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەمراھگۈل ئابدۇل يەسلىنىڭ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلىرىغىچە ئۆزى قول سېلىپ بىجىرەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قانداق جاپا تارتىشتىن قەتئىينەزەر بالىلارنى چۇقۇم ياخشى ئوقۇش مۇھىتىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.
بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ھەمراگۈل ئابدۇل بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بالىلارنىڭ ئاشخانىغا كىرىش، قۇلىنى يۇيۇش شۇنداقلا ئولتۇرۇش، مېڭىش، كىتاپ ئوقۇش، رەسىم سىزىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگىچە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بالىلاردا ياخشى تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈردى، ئاتا- ئانىلار بالىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدى. پاتىگۈل ئىسىملىك ئانا مۇنداق دېدى: بالام يەسلىگە كىرگەندىن بۇيان، بەك ئەدەبلىك بولۇپ كەتتى، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلىدۇ، دۆلەت تىلى سەۋىيەسىمۇ ئالاھىدە ئۆستى، بالىلاردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۋاتقانلىقىنى بىلدۇق.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى