قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3 مىڭ مەمۇر، 2 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىللىق مائارىپقا 1 يىللىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتىدۇ

2017-09-11 19:47:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3 مىڭ مەمۇر، 2 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى تاللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدا ئوقۇشتىن بۇرۇنقى قوش تىللىق مائارىپقا 1 يىللىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار سىياسىي - قانۇن مەخسۇس شىتاتىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق ساقچىلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستنىڭ يېزا-بازار مەمۇرلىرى، مەمۇرلۇققا تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 3 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستقا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان 5 مىڭ نەپەر يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلار قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، ھەر ئايدا 2600 يۈەن تۇرمۇش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى خادىملارنىڭ كادىرلار مۇناسىۋىتى يەنىلا ئەسلىدىكى ئىش ئورنىدا بولۇپ، پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىدىكى ئىش ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلىدۇ. ئەگەر يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بولسا، مائارىپقا 1 يىللىق ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىش ئورنى بېكىتىلگەن مەكتەپلەرگە قايتىپ داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىدۇ.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى