ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش

2017-10-15 19:46:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ خىسلىتى

− ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى روشەنگۈل توختى توغرىسىدا

  سۈرەتتە: روشەنگۈل توختى (سولدا) ۋاڭ يايىڭنى يوقلىماقتا. (مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ فوتوسى)

  روشەنگۈل توختى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى سائەت 10دا، گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسى ئىشخانىسىدا ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىپ، شۇ كۈنلۈك مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، تەۋەلىكىدىكى شىڭچېڭ گۈللۈكى شاڭجۇ مەھەللىسى 9- بىنا 4- زال 101- ئۆيدىكى 82 ياشلىق ۋاڭ يايىڭ موماينى يوقلاش ئۈچۈن ماڭدى.

  مەھەللە ئىشخانىسى بىلەن ۋاڭ يايىڭ موماينىڭ ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 500 مېتىرمۇ كەلمەيتتى، روشەنگۈل بۇ ئارىلىقنى 20 نەچچە مىنۇتتا ئاران مېڭىپ بولدى: ئۇ يول بويى ئۇچرىغان ئەخلەتلەرنى تېرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىدى؛ يول بويىدىكى دۇكاندارلار بىلەن بىر- بىرلەپ سالاملىشىپ، ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇۋېتىشنى تاپىلىدى. روشەنگۈل ئۇلارغا: ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى «مەدەنىي شەھەر» بەرپا قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، دېدى.

  ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، ۋاڭ يايىڭنىڭ كىچىك ئوغلى ما جىڭخۈي كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانىدى. روشەنگۈل ئۇ كۈنى مومايغا ياردەملىشىپ ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلدى. روشەنگۈل ما جىڭخۈينىڭ يەتتىسى بېرىلگەن كۈنى خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىقتىن ۋاڭ يايىڭنى يوقلىيالمىغانىدى. ياشانغاندا پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قېلىش نەقەدەر ئازاب، موماي قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقاندۇ، دەپ ئويلاپ خاتىرجەم بولالماي، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ موماينى يوقلىدى.

  روشەنگۈل ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ: موما، بارمۇسىز؟ دېيىشى بىلەن ئىشىك ئېچىلدى، ۋاڭ يايىڭ روشەنگۈلنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە، كۆزىگە ياش ئېلىپ گەپمۇ قىلالمىدى.

  روشەنگۈل موماينى يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقان ھالدا: موما، كەچۈرۈڭ، يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، سىزنى يوقلاپ كېلەلمىدىم، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مانا مەن كەلدىمغۇ، دېدى.

  ۋاڭ يايىڭ ئۆزىنى سەل توختىتىۋالغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا: روشەنگۈل شۇجى مېنى ئۆز تۇغقىنىدەك كۆرىدۇ. ئوغلۇم ئاغرىپ يېتىپ قالغان بىر نەچچە يىلدا، ئۇ بىزگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ۋە تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ئۇ ھەر قېتىم ئۆيىمىزگە كەلگەندە، مەندىن يەنە قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار، دەپ سوراپ تۇرىدۇ. يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئۆيىمىزگە ئانچە كۆپ كېلەلمىدى، ئوغلۇم سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا شۇجى روشەنگۈلنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىنى سورىغانىدى، دېدى يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.

  ۋاڭ يايىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان روشەنگۈل توختى كۆز يېشىنى توختىتالمىغان ھالدا مۇنداق دېدى: موما، ئوغلىڭىز كەتكەن بولسا مانا مەن بار، مەھەللە بار، مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىڭىزنى مەھەللە كادىرلىرى ئائىلىلەرگە كىرگەندە ئارام ئالىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتتىم، سىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، مۇڭدىشىپ تۇرىمىز.

  بۇنداق مەنزىرە روشەنگۈل توختى مەھەللىگە خىزمەتكە كەلگەندىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇردى. ئۇ: ئاھالىلەر بىزنى ئاساسەن ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار بىلەن ئىزدەيدۇ، مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، چوقۇم ئاھالىلەرنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى كۆپرەك ئويلىشىمىز كېرەك، دېدى.

  بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن روشەنگۈل توختىنىڭ مەھەللىدە ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بىر نەچچە مەھەللىدە ۋەزىپە ئۆتىدى. 2014- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسى قۇرۇلغاندا، روشەنگۈل توختى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ تەۋەلىكتىكى نەچچە ئون كارخانا، كەسپىي ئورۇن، 100دىن ئارتۇق دۇكان، 1139 ئائىلىدىكى 2380 ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى بەش قولدەك پىششىق ئىگىلىدى.

  مۇخبىرلار روشەنگۈل توختىدىن: شۇنچىۋالا كۆپ ئەھۋالنى قانداق ئىگىلەپ بولالىدىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: بۇ ئاسان، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارغا تەدرىجىي يېقىنلاشتىم، دېدى.

  روشەنگۈل توختى ئون نەچچە يىللىق مەھەللە خىزمىتى تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يەكۈنلىدى. ئۇ بولسىمۇ ئوبراز تۇرغۇزۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، ئاھالىلەرگە يېقىنلىشىش، ئاجىزلارنى يۆلەش، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلىش، قىزغىن ياردەم بېرىش، تېز بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت.

  روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: بۇ ئۇسۇلدا مەھەللە خىزمىتى ئاھالىلەرنى مەركەز قىلىپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاھالىلەر مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يادروسى قىلىنغان، بۇنىڭ بىلەن نىشان ۋە يۆنىلىش ئايدىڭلىشىپ، خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئاسانغا توختايدۇ.

  روشەنگۈل توختى يەكۈنلىگەن خىزمەت ئۇسۇلى بويىچە مەھەللە خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. مۇشۇ ئاساستا، گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسىدە يەنە «روشەنگۈل ئىشخانىسى» قۇرۇلدى، بۇ ئىشخانا كوچا باشقارمىسى ۋە مەھەللىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قىلىنىپ، روشەنگۈل توختىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى كەسپىي تەربىيەلەش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياش پارتىيە ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرىغا ئۆگىتىلدى.

  روشەنگۈل توختى خىزمەت خاتىرىسىگە، شىڭچېڭ گۈللۈكى شاڭجۇ مەھەللىسىدىكى بىر ئېغىز بىكار ئۆينى «پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز، دەپ خاتىرىلەپ قويدى.

  روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: شىڭچېڭ گۈللۈكىدە پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرى خېلى كۆپ، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پېنسىيەگە چىققان پارتىيە ئەزالىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى، ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىشى، ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. ھازىر شاڭجۇ مەھەللىسى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلاردا ئاساسىي جەھەتتىن پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەھەللە خىزمىتىدە يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، روشەنگۈل توختىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسى «پارتىيە قۇرۇلۇشى +» خىزمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكچىلىك قىلىش، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئون تۈرلۈك خىزمەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سىستېمىسىغا كىرگۈزدى.

  روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: «توردىكى مىكرو مۇلازىمەت» گۇاڭجۇ كوچىسى مەھەللىسىنىڭ «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» خىزمەت ئەندىزىسىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى. «مىكرو مۇلازىمەت»تە توردىكى e ياچېيكىسى، مىكرو سىن، مىكرو بازار، مىكرو جامائەت پاراۋانلىقى، مىكرو باشقۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، يان تېلېفون، ئۈندىدار، ئالاقە تورى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەھەللە مۇلازىمەت خىزمىتى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا يەنىمۇ سىڭدۈرۈلۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق مەھەللە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، روشەنگۈل توختى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىق»، «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە»، «ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى، بۇ يىل شەرەپ بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى