قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارار ماگىستىرلارغا جاۋاب خەت يازدى

2017-10-19 18:56:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارار ماگىستىرلارغا جاۋاب خەت يازدى. خەتنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارار ماگىستىرلارغا:

  ياخشىمۇ سىلەر! يازغان خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەرنىڭ ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارار ماگىستىر بولغىنىڭلاردىن ھەم ئۆگىنىشتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىنىڭلاردىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى خۇش بولدۇم.

  خېتىڭلاردا ئادىل، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورتاق ئارزۇ قىلغىنىڭلارنى ئىپادىلەپسىلەر، بۇ دەل جۇڭگونىڭ جەنۇب - جەنۇب ئىنستىتۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ئىدى. جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئۇلۇغ ئىش. جۇڭگو جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتىنىڭ سۇپىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا بىللە مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تۇنجى قارار ئوقۇش پۈتكۈزگەن ماگىستىر بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن زور شان- شەرەپ قۇچتۇڭلار، بۇرچۇڭلار شەرەپلىك. سىلەرنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاساسىڭلارنى پۇختىلاپ، ياراملىق بولۇپ، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا تىرىشىپ ئىزدىنىپ، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداش، دوستلار بىلەن جۇڭگودا ئورناتقان دوستلۇقىڭلارنى قەدىرلەپ، دۆلىتىڭلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ، دۇنيادا جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئائىلەڭلەردىكىلەرگە مەندىن سالام، پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا يەنە كېلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن!

              جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

             2017- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى


  شى جىنپىڭ 2015- يىلى 9- ئايدا ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشلۈك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، جۇڭگونىڭ جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. 2016- يىلى 4- ئايدا، جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئىنستىتۇتنىڭ مەقسىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سەردار ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ، جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئىدى.

  جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى قارارلىق تۈرىدە 2016- يىلى 9- ئايدا ئوقۇش باشلاندى، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان 27 دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، پارلامېنت ئەزاسى، پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ 48 كىشى ماگىستىرلىق، دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى. 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنى، جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارارلىق 26 ماگىستىر ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭغا يازغان رەھمەت خېتىنى ئوقۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۆزلىرىنىڭ جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتىدا روشەن ئىدىيە ۋە مول باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈردى، جەنۇب- جەنۇب ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى ياخشى رەھبەرلىرىدىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزدى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى