قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى 2017- يىللىق مەركەزنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللاشنى قارار قىلدى

2017-10-27 19:01:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى 2017- يىلىدىن باشلاپ «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇشنى ھەمدە 2017- يىللىق مەركەزنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ قوللاشنى قارار قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» ئاساسلىقى 3 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئىچىگە ئالىدىكەن: 1- كەسىپلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئورنىتىلىدىكەن؛ 2- ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن؛ 3- ئېلىمىزنىڭ «سۈپەتلىك ئاشلىق، ياغلىقدان» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. ئومۇمىي پىلان بويىچە، 2020-يىلىغىچە «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشى» دا تۆۋەندىكى نىشان ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن يەنى: «ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىققا يۇقىرى باھا قويۇش»تىن ئىبارەت بازارلاشقان ئاشلىق ئوبوروت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق تېرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكلىنىدىكەن؛ مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ئاشلىق سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى 30 پىرسەنت ئۆستۈرۈلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى