قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، بولۇپمۇ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى

2017-10-27 19:01:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، بولۇپمۇ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى يىلىغا 2 مىڭ 855 يۈەندىن 3 مىڭ 200 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدىن ئىبارەت بۇ «قوش لېنىيەنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بۇلتۇرقى ئېيىغا 376 يۈەندىن 396 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. ھازىرقى يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزىلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى 100 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 170 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى