قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان 2- نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلدى

2017-10-27 18:46:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەي، 2- نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى دېھقانلارنى خاتىرجەم قىلدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش يىغىنى ئاياغلىشىشى بىلەن، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ياڭليۇسۈن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى جۇ ئائىلىسىدىكىلەر ھەمكارلىق شىرىكى بولغان شىنجاڭ «شىنرۈيسۇ» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 2018- يىللىق 2 مىڭ 100 مو يەردە بۇغداي تېرىش بويىچە ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى.
ئارقىدىنلا ئۇ يەنە شىبېيۋەن بازىرى شوتون كەنتىدە باشقا دېھقانلارنىڭ قۇلىدىن 1 مىڭ 600 مو يەرنىڭ ھۆددىگەرلىكىنى سېتىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىڭ 700 مودىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەرنى ھۆددىگە ئېلىش قەرەلىنىڭ يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدۇم. يەرنى تۈزلەش، تېرىقچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا خاتىرجەم مەبلەغ سالالايدىغان بولدۇق.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇ ئائىلىسىدىكىلەر كۆلەملەشتۈرۈپ بۇغداي تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى يىلدىن- يىلغا ئاشۇردى. بۇ يىل كىرىمىنى بىر مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار. بۈگۈنكى كۈندە تېرىلغۇ يېرى 3 مىڭ مودىن ئاشقان جۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇپ، كەسپنى يەنىمۇ زورايتماقچى بولدى.
شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى 3- كەنتىدىكى دېھقان شې ۋېنلى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېرىنى ھۆددىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ 120 مو يېرىنى ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيان ئاساسلىقى ئىقتىسادىي زىرائەت يەنە قارا گازىر ۋە قاپاق تېرىۋاتىمەن. بۇنىڭ چىقىمى كۆپ بولغان بىلەن، ئۈنۈمى ئۇنچە ياخشى بولمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يەرنى باشقىلارغا ئوبورۇت قىلىپ بېرىپ، ۋاقىت چىقىرىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشەم ھەر ئايدا 6 مىڭ 500 يۈەن كىرىم قىلالايدىكەنمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھەققىنى قوشقاندا بىر يىلدا 100 مىڭ ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدىكەنمەن.
سانجى شەھىرىنىڭ داشىچۈ بازىرى داشىچۈ كەنتىدە 30 مىڭ مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەر بار. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر كەنتتىكى يەرنى بىرلەشتۈرۈپ، يەڭنى تۈرۈپ جەڭگىۋارلىق بىلەن ئىشقا كىرىشتى. كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىنۋېي مۇنداق دېدى: يەرنى بىرلەشتۈرگەندە بىر تۈركۈم دېھقانلار تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، بەزىلىرى ترانسىپورت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بۇلىدۇ. يەنە بىرقىسىمى ئوبورۇتتىن كېيىن كىچىك زاۋۇت، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەپ كوللىكتىپ ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنتنىڭ كوللىكتىپ ئىگىلىكىنى جاندۇرالايدۇ ۋە زورايتالايدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى