قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى بىلەن گۇاڭدۇڭ خۇيجۇ شەھىرى خۇيجو شەھىرىدە پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

2017-10-27 18:47:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

10-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ - گۇاڭدۇڭ پۇتبول ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى بىلەن گۇاڭدۇڭ خۇيجۇ شەھىرى خۇيجو شەھىرىدە پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ئەرلەر «ئا» دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ھەر دەرىجىلىك كوماندىسىدىكى يۈزدىن ئارتۇق توپچى بۇ يىل قىشتا خۇيجۇ شەھىرىگە بېرىپ مەشىق قىلىپ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىدۇ. بۇ ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى -شىنجاڭنىڭ كەسپىي پۇتبول كۇلۇبلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ياشلار مەشىق سېپىدىكى توپچىلارنىڭ قىشلىق مەشىق مەيدان مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ بىرلىكتە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ چىقىدۇ. غەربىي شىمالنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھاۋارايى، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ قىشتا سىستېمىلىق مەشىق قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كېلەتتى. كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى