قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2017-10-27 19:01:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <13- بەش يىللىق پىلان> مەزگىلىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلارنى تۈگىتىش مەخسۇس تۈر پىلانى»نى تۈزۈپ تارقاتقان. «پىلان»دا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى1 - يىللىقلارنىڭ ئوقۇغۇچى سانىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش، باشقا يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلارنى پەيدىنپەي تۈگىتىش، تۆت يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، 2017 - يىلى قاراماي شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىدە ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ سىنىپلار تۈگىتىلگەن. 2018- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ئوقۇغۇچى كۆپ سىنىپلار تۈگىتىلىدىكەن. 2020-يىلىغا بارغاندا ئوقۇغۇچى سانى 56دىن كۆپ بولغان چوڭ سىنىپ تۈگىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچى سانى 55تىن ئاشماسلىق تەلىپى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى