قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 2017-، 2018- يىللىق مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتتە تېيىلىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 1- بېكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ماھىرلىرى 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن

2017-10-27 19:01:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى ئېلان قىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا ئاياقلاشقان 2017-، 2018- يىللىق مەملىكەتلىك تېز سۈرئەتتە تېيىلىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 1- بېكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ماھىرلىرى 4 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 1- بېكەت مۇسابىقە چاڭچۈن مۇز ئۈستى مەشىق بازىسى تېز تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 36 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 354 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشقان، شىنجاڭلىق ماھىر تيەن رۈينىڭ ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ 1000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە، شىنجاڭلىق ماھىر ئالچېنخازران شاكەي ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 1500 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە، ئالماس قاغانباي ياشلارنىڭ ئەرلەر 3000 مېتىرغا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولغان، ئەرلەرنىڭ كوللېكتىپ قوغلىشىش تۈرى بويىچە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرىدىن-- شىنجاڭلىق ئالماس قاغانباي، شېنياڭ تەنتەربىيە مەكتىپىدىن ۋۇ يۈ، خاربىنلىق ماھىر شۈەن بوۋېنلەر كوللىكتىپ ھالدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى