قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ناھىيەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ساداسى ياڭرىدى

2017-11-01 16:57:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا يېزا قاراسۇ كەنتىدە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن 32 دېھقان ئىشلەمچى شۇ جايدىكى رابىيخان غۇپۇر ئېلىپ كەلگەن پولونى يەپ چاقچاق قىلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پولۇسى ناھايىتى يىيىشلىك بولۇپتۇ» دېيىشتى. گەنسۇلۇق ئىشچى ما دىڭلې مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى پۇقرالار بەك ياخشى ئىكەن، بىزگە پولو، قوغۇن دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ بەردى، ئىشچىلار ھاياجانلىنىپ بەزىلىرى كۆز يېشى قىلىشتى، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سۈپەتلىك قۇرۇلۇشىمىزنى پۇقرالارغا سوۋغا قىلىش ئارقىلىق رەھمىتىمىزنى ئىپادىلەيمىز.
ما دىڭلې قاتارلىق ئىشچىلار ياساۋاتقان 4 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇڭ سىڭمەس ئۆستەڭ قاراسۇ كەنتىدىكى 4- ۋە 5- ئاھالىلەر گۇرۇپپىسنىڭ 400 مو تېرىلغۇ يېرىنى سۇغۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۆستەڭ ئۇزۇن يىل رېمونتسىز قىلىپ كونىراپ كەتكەنلىكتىن سۇ سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ئېغىر، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن ئىدى. ما دىڭلى قاتارلىق ئىشچىلار قاراسۇ كەنتىدە سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساۋاتقان يېرىم ئايدىن بۇيان، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر دائىم قوغۇن، ئۈزۈم، نان، چاي ئەكىلىپ ئۇلارنى يوقلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقانلىقىغا رەھمىتىنى بۈلدۈردى.
53 ياشلىق رابىيخان غۇپۇرمۇ 10 مو تېرىلغۇ يېرىنى بۇ ئۆستەڭ سۈيىگە تايىنىپ سۇغۇراتتى. ئۇ ئىشچىلارنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىشى ھامۇت بۇسۇق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىر قازان پولو ئېتىپ ئۇلارغا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى. شۇ كۈنى ئىككەيلەن ئەتىگەن سائەت 9 دىن باشلاپلا تاماققا تەييارلىق قىلدى، ئۇلار 16 كىلوگىرام گۈرۈچ، 5 كىلوگىرام قوي گۆشى، 5 كىلوگىرام ياغ تەييارلاپ پولونى ئەتتى. يەنە ئىككى كىلوگىرام قۇرۇق ئۈزۈم، بىر كىلوگىرام ئاق ماش ئېلىپ باردى. رابىيخان غۇپۇر گەرچە پولو ئىتىش ئۈچۈن يېرىم كۈن جاپالىق ئىشلىگەن بولسىمۇ ئەمما ئىشچىلارنىڭ پولونى بەكمۇ كۆڭۈللۈك يىگىنىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن بەكمۇ خوش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشچىلار شۇنچە يىراق يەردىن كېلىپ بىزگە ئۆستەڭ ياساپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇلار بەك جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ. بىز پەقەت ئۇلارغا تاماقلا ئىتىپ بېرەلىدۇق، ئۇلارنىڭ قۇرسىقى تويسا بىزمۇ خوش بۇلىمىز. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاندىن كېيىن ئۆز ئارا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى