قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ چاھارباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىگە بېرىپ، خالىسانە كېسەل كۆردى

2017-11-01 16:57:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتى10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لوپ ناھىيەسىنىڭ چاھارباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىگە بېرىپ، خالىسانە كېسەل كۆردى.
چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9 يېرىمدا، لوپ ناھىيەسىنىڭ چاھارباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنت ئاھالىلەر كومىتېىتنىڭ ھويلىسىدا كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى تۇرسۇننىياز سىيىتنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ خېلى بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇخلىيالماس بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كەنتكە بېيجىڭدىن مۇتەخەسسىسلەر كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، سەھەردىلا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا يېتىپ كەلدى. تۇرسۇننىياز سىيىت مۇنداق دېدى: دوختۇر مېنى تەكشۈرۈپلا كېسەللىك ئەھۋالىمنى بىلىپ ماڭا دورا بەردى، يەنە ساقلىقنى ساقلاشقا ئائىت نۇرغۇن چۈشەنچىلەرنى بەردى. ئۇلارنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي مۇلازىمىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرىۋاتقان مەزگىلدە، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش ئەترىتى دەسلەپتە ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، ئامما ئۈچۈن خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ تۈرلۈك داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى. بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى، ئەترەت باشلىقى رۈەن جۈنجۇڭ مۇنداق دېدى: 17 دوختۇر ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، خالىسانە كېسەل كۆرىۋاتىدۇ. ئۇلار كەسپىي داۋالاش بىلىملىرىنى يېزىلارغا ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئامما ئارىسىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرىمىز.
پائالىيەت مەيدانىدا، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىملىرى خالىسانە كېسەل كۆرۈش مۇلازىمەت خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى. خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى رابىيە ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىزمۇ ساغلام خوتەن ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن خوتەن ۋىلايىتىمىز ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىش، خادىملارنى سىرتقا ئەۋەتىش ئارقىلىق، پۇقرالارنى تەرەققىي تاپقان شەھەرلەرنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى بىلەن داۋالاش مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى