قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسى ۋە شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش خاتىرىسى» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالە

2017-11-01 16:57:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ شەھىرىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى ۋە شىڭلۇڭ كوچىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سودا كوچىسىدا، 74 جۈپ ئاز سانلىق مىللەت ۋە خەنزۇ تىجارەتچى 2016- يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئۆزلىكىدىن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن بۇيان، «تۇغقانلار» تۇرمۇشتا باردى- كەلدى قىلىپ، تىجارەتتە ئۆزئارا ياردەملىشىپ، مەدەنىيەتتە ئالاقە ۋە بىرىكىشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.
شىڭلۇڭ كوچىسىدا سىر تىجارىتى قىلىدىغان خۇاڭ يىچۇەن بىلەن ۋاڭسەن كوچىسىدا يېمەك- ئىچمەك تىجارىتى قىلىدىغان قاھار جۈمە تۇنجى تۈركۈمدە تۇغقان بولغان تىجارەتچىلەر ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىملىق ھېيت- بايراملاردا بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا يوقلىشىپ، تەدرىجىي چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئورناتتى. بۇ يىل 4- ئاينىڭ 7- كۈنى قاھار جۈمە كېسەل بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرسىتىشكە بېرىپ، 3 بالىسى ئۆيدە قالغانىدى. ئاكىسى خۇاڭ يىچۇەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن 3 بالىنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىنىسى قاھار جۈمەنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. قاھار جۈمە مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئۇ سەھەردە بالىلىرىم بىلەن بىللە ناشتا قىلىپ، مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، چۈشتە يەنە ئۆيگە ئەكېلىپ بىللە تاماق يىدى. گەپ پۇلدا ئەمەس، بۇ ھەقىقىي تۇغقانلىق مېھرى.
ھازىر ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن ھەمكارلىشىپ شىڭلۇڭ كوچىسىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تېز تاماقخانا ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. خۇاڭ يىچۇەن مۇنداق دېدى: ۋاڭسەن كوچىسىدىكى ئاشخانىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك، بۇ قېتىم ھەمكارلىشىپ ئاچىدىغان ئاشخانىمىزمۇ چوقۇم روناق تاپىدۇ.
74 جۈپ «تۇغقان» تۇرمۇشتا بىر- بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تىجارەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئالاقىسىنىمۇ كۈچەيتتى. ۋاڭسەن كوچىسىدىكى تىجارەتچى ئابدۇراخمان ئالىمنىڭ تۇغقىنى پېڭ تيەنگاڭ ئاقسۇدىكى خەتتات بولۇپ، شىڭلۇڭ كوچىسىدا ئايرىم ئىشخانىسى بار ئىدى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن ئابدۇراخمان ئالىمنىڭ 11 ياشلىق ئوغلى ئابدۇرېھىم پېڭ تيەنگاڭنىڭ شاگىرتى بولدى.
بىر مەزگىل ئۆگەنگەندىن كېيىن ئابدۇرېھىمنىڭ خەتتاتلىق سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەپ، مەكتەپتە خەتتاتلىق سىنىپىنىڭ سىنىپ باشلىقى بولدى. پېڭ تيەنگاڭ بۇ شاگىرتىدىن رازى بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتا ئۆزئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئەڭ ياخشىسى ئۆزئارا ياردەم بېرىش كېرەك. مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا خەتتاتلىقنى ئۆگىتىپ، دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلدۇرماقچى بولدۇم.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى