قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017- يىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياكى چىقىرىۋېتىلگەن تۆۋەن باھالىق دورىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2017-11-01 16:57:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017- يىلى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ياكى چىقىرىۋېتىلگەن تۆۋەن باھالىق دورىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. 7 خىل دورا تىزىملىكتىن چىقىرېۋېتىشكە، 26 خىل دورا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان تۆۋەن باھالىق دورىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان دورىلار ئاساسەن دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلار بولۇپ، ئاستراگالۇس ئوكۇل سۇيۇقلۇقى، چىڭكەيلىڭ ئوكۇل سۇيۇقلۇقى، ئوفلوكساسىن كۆز تېمىتمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئىلتىماس قىلغان دورىلار زوگۈي كومۇلىچى، كۈمۈش ئۆرۈك يوپۇرمىقى تابلىتكىسى، ۋىتامىن k1 ئوكۇل سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2014- يىلى تۆۋەن باھالىق دورا تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، دورىلارنىڭ كۈندىلىك خىراجەت ئۆلچىمى بويىچە غەرب تىبابەت دورىلىرى 3 يۈەندىن، جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى 5 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن دورىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى بۇ- 89 خىل غەرب تىبابىتى دورىسى، 147 خىل جۇڭگو تىبابىتى دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن، تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىدىكى دورا تۈرى 255 خىلغا يەتتى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىنى ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كارخانىلىرى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، دورىلارنى تۆۋەن باھالىق دورىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىشنى ئۆزى تاللىسا بولىدىغان بولدى.تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى