قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇنجى قارارلىق ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق كەنت (مەھەللە) پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، يېزا-بازار (كوچا) تەشكىلات ھەيئەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى جياڭسۇدا تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2017-11-03 12:44:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنى، تۇنجى قارارلىق ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق كەنت (مەھەللە) پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، يېزا-بازار (كوچا) تەشكىلات ھەيئەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى جياڭسۇدا تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەنجىڭ شەھىرى ۋە جاڭجياگاڭ شەھىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. بىر ئاي ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ 1200 نەپەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى كادىرى مەخسۇس تەربىيەلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشتە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە چۆرىدىلىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «دوكلاتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى، ئاساسىي قاتلامنى تەرتىپكە سېلىش، كەنتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش»تىن ئىبارەت 4 چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنىپ، تىپىك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، سۆھبەت شەكلىدە ئوقۇتۇش قاتارلىق شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ. كۈنەس ناھىيە شوربۇلاق بازىرى شوربۇلاق يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رەن يۇرۇڭ مۇنداق دېدى:- شوربۇلاق يېڭى كەنتىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. لېكىن، باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا پەرقىمىز يەنىلا ئىنتايىن چوڭ. بۇ ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. چوقۇم خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىمىز.
كۈنەس ناھىيە بەشتۆپە يېزىسى قاراسۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى:- بىز تۆگىقۇشنى سىناق تەرىقىسىدە بېقىش جەريانىدا، بېقىش ۋە ھەمكارلىق كوپېراپىتىنى باشقۇرۇش جەھەتتە تەجرىبىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىدۇق. بۇ قېتىملىق ئۆگىنىش ئارقىلىق، تېخنىكا ۋە ھەمكارلىق كوپېراتىپىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق باشقۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى