قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2017-11-20 13:39:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
11-ئاينىڭ چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىدە، مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش» تەك ئىستىراتېگىيەلىك فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
  چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ ۋەكىللەر بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەنگە ۋەكالىتەن كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا قوشقان گەۋدىلىك تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى ھەم خۇاڭ شۈخۇا، خۇاڭ دافادىن ئىبارەت ئىككى ئەخلاق نەمۇنىچىسىنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا قايتا-قايتا تەكلىپ قىلغانلىقى - باش شۇجىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، باش شۇجىنىڭ مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، باش شۇجىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتەك ئالىيجاناپ خىسلىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئىنتىلىشتەك مەنىۋى كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە گۈزەللىككە ئىنتىلىشتەك ئالىيجاناپ ئەخلاق يۈكسەكلىكى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە شانلىق ئۈلگە تىكلەپ، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
  چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نەتىجە ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، شان-شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش كېرەك. تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن يولداشلارنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، «تۆت ئاڭ» نى پۇختا تۇرغۇزۇش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتكۈل پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشتەك ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك؛ ئىككىنچى، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، غايە-ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يول ئىشەنچىسى، نەزەرىيە ئىشەنچىسى، تۈزۈم ئىشەنچىسى، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئۈچىنچى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەڭ مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە تەشۋىق قىلىپ شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، ياخشى قاتنىشىپ، «بەش تونۇش» نى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تەقدىرداشلىق ئېڭىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ بەشىنچى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، توغرا ۋەتەن قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك؛ ئالتىنچى، دىققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىش نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەلبىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئويلىشىش، قارار چىقىرىش، خىزمەت قىلىشتا پۈتۈنلەي باش نىشاننى چۆرىدەش، باش نىشانغا بوي سۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا خاتىرجەم ياشايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى شىنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى