قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ليۇ شۆجۈننى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى

2017-11-20 13:39:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇپ، مەركەز پارتىيە مەكتىپى سىياسىي-قانۇن ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتۇر يېتەكچىسى، دوكتۇر ئاشتى ھەمكارلاشقۇچى يېتەكچىسى ليۇ شۆجۈننى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى نەيىم ياسىن لېكسىيەگە رىياسەتچىلىك قىلدى.
لېكسىيەدە، ليۇ شۆجۈن «بۇرچنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش» باش تېمىسىدا، يېڭى دەۋر، يېڭى زىددىيەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئاساسىي تەلىپىنى توغرا چۈشىنىش؛ يېڭى دەۋر ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي بۇرچى؛ يېڭى تارىخىي بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەكلىكى؛ قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق 4 جەھەتتىن لېكسىيە سۆزلىدى.
نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە، ھەرىكەتنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستىراتېگىيەلىك قارار، بولۇپمۇ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەدبىرى، يېڭى ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئەۋەزللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى