قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىدىكىلەر ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلىدى

2017-11-20 13:39:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلىدى. دوكلاتنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى جاڭ لىجۈەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ رادىيو-تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىسىغا پارتىيە19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈردى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ تاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ــــ بىرىنچىدىن، مەزمۇن جەھەتتە، بولۇپمۇ ئىدىيە-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزلىكتە ئوقۇتۇش شەكلىدە دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشىمىز؛ ئىككىنچىدىن، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا، تۈرلۈك پائالىيەتلەر، بولۇپمۇ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.
ئاقسۇ شەھىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇڭ پېيبىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ 700دىن ئارتۇق كادىر-خىزمەتچىسىگە پارتىيە19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەنىۋى ماھىيىتىنى تەپسىلىي بايان قىلدى ھەم مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە19-قۇرۇلتىيى روھىنى قانداق ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئاقسۇ شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ لىننا مۇنداق دېدى: ـــــ پارتىيە19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ياشلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى بىز ياشلارغا نىسبەتەن ئىلھام ۋە مەدەت ھېسابلىنىدۇ. مەن چوقۇم يېڭى دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، يېڭى دەۋردىكى لاياقەتلىك يېڭى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تىرىشىمەن. ئىتتىپاق ئەزالىرىنى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىدىكى ئىتتىپاق تەشكىلاتى تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشقا پائال تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھازىرقى مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە چىققاندا شىنجاڭنىڭ ھەم ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇشىغا پۇختا ئاساس سالىمەن.
موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك كەسپىي تېخنىكومدا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتېتى ماركىسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى لياڭ يۈچۈن پارتىيە19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم كۆز قاراش، مۇھىم ھۆكۈم، مۇھىم تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى. پۈتكۈل ناھىيەدىكى 380 نەچچە نەپەر مائارىپ خىزمەتچىسى بىللە لېكسىيە دوكلاتىنى ئاڭلىدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئاقدالا بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئېرلان رىسقان مۇنداق دېدى:ــــ پارتىيە19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مائارىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇشتىكى ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خىزمەتلەرگە سىڭدۈرىمەن. خەلق ئوقۇتقۇچىسى ھەم پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە19-قۇرۇلتىيى روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى، يۇرتنى سۆيۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرىمەن.
مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەشۋىقات-تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى سۇ يىڭچۈن ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدا لېكسىيە سۆزلىدى ھەم پارتىيە19-قۇرۇلتىيى روھىنى قانداق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ چىڭتيەن مۇنداق دېدى: ــــ پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ1-سېپىدىكى دەرسخانىدا «دەرستىن بۇرۇنقى 3 مىنۇت» ئارقىلىق پارتىيە19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك شەكىلدە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.
  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ھەر قايسىي ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە19-قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققىتىنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قۇمۇل كەسپىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بەي شىڭ مۇنداق دېدى:ـــــ يېشىمىز ۋە كەسپ پىلانىمىزغا ئاساسلانغاندا، 2049-يىلىغىچە بىز يەنىلا خىزمەت ئورنىمىزدا ئىشلەيمىز. دېمەك، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئىككى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ. بىز ھازىر مەكتەپتە ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە خىزمەت ئورنىمىزدا ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى