قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋاڭ يەنلۇنىڭ لوپقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سەۋەپلىك، ئۇ يەنە بىر قېتىم لوپتا قېلىشنى تاللىدى

2018-01-30 13:19:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسنىڭ 1- شۇجىسى ۋاڭ يەنلۇنىڭ كەنتتە تۇرىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى. ئۇنىڭ لوپقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سەۋەپلىك، ئۇ يەنە بىر قېتىم لوپتا قېلىشنى تاللىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دا، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى سېرىق كەنتىدىكى ئىكولوگىيەلىك غاز بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا شادلىق كۈلكىلىرى ئاڭلىتىنىپ تۇراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ۋاڭ يەنلۇ كەنتتىكى 32 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىغا ئىكولوگىيەلىك غاز بېقىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى قېتىملىق پايدىسىنى بۆلۈپ بەردى. پۇلنى قولىغا ئالغان كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى. كەنت ئاھالىسى مەڭنىسا نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 12- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا غازدىن 32 نى تارقىتىپ بەردى. بۇ غازلارنى 50 كۈن باقتىم. بۈگۈن، ئۇلار ماڭا 1 مىڭ 250 يۈەن تارقىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، غازلارنى داۋاملىق ياخشى بېقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە رەھمەت.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى ۋاڭ يەنلۇ تىلغا ئېلىنسا، لوپ بازىرىدىن تارتىپ دول يېزىسىغىچە بولغان 12 كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ماختىماي قالمايدۇ. ئىككى يىلدىن بۇيان، پىلان تۈزۈش، تۈرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە، ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى دۆۋەت كەنتىدىكى ئابدىلىم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردى. كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز. ئۇلار بىزگە ئۆستەڭ قېزىپ بەردى، يول ياساپ بەردى، يول چىرىقى ئورنىتىپ بەردى، تورۇبا سۈيى يەتكۈزۈپ بەردى؛ نامراتلارغا كۆڭۈل بۆلدى؛ كەنتىمىزدە يېڭىدىن گىلەم زاۋۇتى ۋە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. دەسلەپتە، ۋاڭ شۇجىنى كەنتتە تۇرۇش مۇددىتى توشسىلا قايتىپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپ، كۆڭلىمىز ناھايىتى يېرىم بولغان، ئۇنىڭغا كۆزىمىز قىيمىغانىدى. كېيىن ئاڭلىساق، ئۇ لوپتا داۋاملىق تۇرىدىغان بوپتۇ. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇش بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەگىشىپ ماڭىمىز.
ۋاڭ يەنلۇنىڭ يېتەكلىشىدە، 2017- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى «باۋيۈەن» ئېلىكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 4 شۆبە زاۋۇتىنى قۇرۇپ، 400 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دول يېزىسى خالۋاپ كەنتىدە 300 مولۇق مەخسۇس كەپتەر بېقىش بازىسى، 420 مولۇق زەمبۇرۇغ باقمىچىلىق بازىسى قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك باقمىچىلىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، «شىركەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، پەن- تېخنىكا ۋە دېھقانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسى» ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى. قان بېرىشنى قان ھاسىل قىلىشقا ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ بىر قىسمىنى پاي سۈپىتىدە، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغان نامرات ئاھالىلارغا پايدا قىلىپ بۆلۈپ بەردى ھەمدە بۇ ئارقىلىق، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ۋاڭ يەنلۇ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرىۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولدى. ئامما رازى بولسىلا، مېنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكىنىم شۇ. بۇ مەن ئۈچۈن ئىلھام بولىدۇ. ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش ۋە ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىسەم، ھەممىدىن بەك خۇش بولىمەن.
 نۆۋەتتە، ۋاڭ يەنلۇ ئۆردەك بېقىش بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولماقتا. ئۇ بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسپلەر باغچىسى» قۇرۇپ، لوپ ناھىيەسىدىكى 80 مىڭ ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلەش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىكى كادىرلارنىڭ لوپ ناھىيەسىگە نىسبەتەن مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 12 خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا قارىتىمەن. بىز سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش، كەسىپ جەھەتتە يۆلەش ئارقىلىق، بېقىلىدىغان كەپتەر سانىنى 50 مىڭ جۈپكە، كۈندىلىك يىمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 120 مىڭ خالتىغا يەتكۈزۈش؛ ئۆردەك بېقىش بازىسى ۋە «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسپلەر باغچىسى» قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. بۇنىڭغا تولۇق ئىشەنچىم بار.  

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى