ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاغرىنىش ئۆمۈرنىڭ دۈشمىنى

2014-04-17 18:37:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خىلمۇ-خىل سەۋەب تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئاغرىنىشلىرىنى كۆپ  ئۇچرىتىمىز. يەنى بەزىلەر دوستلىرىدىن، ئاتا- ئانىسى، قېرىنداشلىرىدىن ئاغرنىدۇ، نۇرغۇن كىشى بۇ ئاغرىنىشلارنى ئېسىدىن  چىقىرالماي، ئۆمۈرلۈك يۈك قىلىۋالىدۇ.
تۇرمۇشتا ئۆزئارا  ئاغرىنىش داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ.  ئەمما، كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرگە بولغان  قارشى ۋە پوزىتسىيەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ بۇنداق ئاغرىنىشلارنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرگەن  تەسىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر بۇلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىلەر ئۇنتۇيالمايدۇ.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، كىشىلەردىكى ئۆزئارا ئاغرىنىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى چوڭ بولىدىكەن. چۈنكى دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، قان بېسىم كېسەللىكى ۋە خىلمۇ خىل روھىي كېسەللەرىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. باشقىلاردىن دائىم ئاغرىنىش ۋە  ئۇنى ئېسىدىن چىقىرالماسلىق كىشىلەرگە فىزىئولوگىيە  جەھەتتىن زىيان كەلتۈرۈپلا قالماي، پىسخىكا جەھەتتىنمۇ زىيان كەلتۈرىدىكەن. چۈنكى بۇ خىل كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ئاسانلا خۇنىكلىشىپ، جەمئىيەتتىكى  نۇرغۇن ئىجرىمائىي ھادىسىگە توغرا  ئىنكاس قايتۇرالمايدىكەن. جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى تار نۇقتىنەزەر بىلەن چۈشىنىۋېلىپ ئومۇملۇقتىن  چەتنەپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلاردىن ئاغرىنىشتىن ئىبارەت بۇ روھىي يۈكنى كاللىسىدىن چىقىرىۋەتكەندە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن بېسىمغا ئۇچرىماي، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا  پايدىسى بولىدىكەن.
مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سىنىپىدىكى بالىلارنى بىر خىل ئويۇن ئويناشقا  يېتەكلەپتۇ. ئۇ بالىلاردىن:
-  سىلەر باشقىلاردىن ئاغرىنىپ باققانمۇ؟ ئاغرىنغان بولساڭلار قانچە ئادەمدىن ئاغرىنغان؟- دەپ سوراپتۇ.
بالىلارنىڭ بەزىلىرى بىر-ئىككى ئادەمدىن ئاغرىنغانلىقى، بەزىلەر ئۈچ-تۆت ئادەمدىن، يەنە بەزىلەر  بەش- ئالتە ئادەمدىن ئاغرىنغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. مۇئەللىم ئۇلارغا:
- سىلەر ئاغرىنغان ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىر تال بەرەڭگىگە يېزىپ سومكاڭلارغا  سېلىۋېلىڭلار، مەن بەرەڭگىنى سومكاڭلاردىن ئېلىۋېتىڭلار دېمىگىچە ئالمايسىلەر، مەيلى ئاشخانىغا  ياكى ھاجەتخانىغا بارساڭلارمۇ سومكاڭلارنى ئېسىپ بارىسىلەر،- دەپتۇ.
بۇ  ئويۇن باشلىنىپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سومكىسىدىكى بەرەڭگىلەر كۆرۈنۈپ، غەيرىي پۇراقلارنى چىقىرىشقا باشلاپتۇ، بولۇپمۇ سومىكىسىغا بەش-ئالتە تال بەرەڭگى  سېلىۋالغان بالىلار يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىغا، غەيرىي پۇراقلارغا تېخىمۇ چىدىيالماپتۇ.
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ،
- چىدىيالىدىڭلارمۇ؟ يەنە ئاسامسىلەر؟-  دەپ سوراپتىكەن. بالىلار بىردەك:
- چىدىيالمىدۇق، بەك سېسىقكەن، ئەمدى ئاسمىساق!.......  دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مۇئەللىم  بالىلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- ئويۇنىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن،  ئەمدى بەرەڭگىلەرنى تاشلىۋەتسەڭلەر بولىدۇ، تۇرمۇشتا  كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئاغرىنىشى خۇددى سېسىق بەرەڭگىلەرنى  يېنىڭلاردىن ئايرىماي كۆتۈرۈپ  يۈرگىنىڭلارغا ئوخشايدۇ، باشقىلاردىن ئاغرىنغان ۋاقتىڭلار قانچە ئۇزارغانسېرى شۇنچە جاپا تارتىسىلەر. سېسىق بەرەڭگىلەرنى نەچچە كۈن ئېسىپ يۈرۈشكە چىدىمىغان يەردە، ئۇزاققىچە ھەتتا ئۆمۈرۋايەت  باشقىلاردىن  ئاغرىنىپ يۈرۈشكە قانداقمۇ چىدايسىلەر؟- دەپتۇ.
يۇقىرىقى مىسالدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئادەم باشقىلاردىن ئاغرىنىپ جاپا تارتقۇچە، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزگۈنى ئاقىلانىك. چۈنكى ئادەم ئۆزىدىكى  « سېسىق  بەرەڭگى» لەرنى تاشلىۋەتكەندە خېلىلا يېنىكلەپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى كىم بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر ھەر قانداق خىزمەت بېسىمى، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنى خوشال تۇتۇشنى ئۈگىنىۋېلىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئەينى ۋاقىتتىكى قىيىنچىلىقنىڭ ئنچىۋالا  قىيىن ئەمەسلىكىنى، دىلىمىزنى ئاغرىتقان ئاشۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بەكمۇ  مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تېخىمۇ توغرا قارايدىغان، ھاياتلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلاملىققا ئېرىشەلەيدۇ.
تۇرمۇشنى كۈزىتىدىغان بولساق، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقمىغان ئىشلاردىن ئاغرىنىدىغان، ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن زارلىنىدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.  بۇ ۋاقىتتا  ئۆزىمىزنىڭ تەقدىر پېشانىمىزدىن ئاغرىنماي، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى تېپىشىمىز لازىم. ئۆزىمىز  ئۈمىد قىلمىغان ھەم كونترول قىلالمايدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە، ئۇنىڭدىن بىراقلا ۋاز كەچمەي، سوغۇققان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىش ھەققىدە ياخشى ئويلىنىشىمىز  لازىم. شۇنداق قىلغاندا  مۇۋەپپىقىيەت كۆپ، مەغلۇبىيەت ئاز بولىدۇ.
بۇرۇن بىر بالا دائىم ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن، تەقدىرىدىن ئاغرىنىدىكەن. ئازراقلا  ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، ئۈمىدسىزلىنىپ ھەممىدسىن ۋاز كېچىدىكەن. بىر كۈنى بۇ بالا دوستلىرى  بىلەن كورت ئويناپتۇ. ئۇنىڭغا  ئۇدا نەچچە قېتىم ناچار قارتا چىقىپتىكەن، بۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىگە  تاپا-تەنە قىلىپ ئاخىرى چىدىماي قولىدىكى قارتىنى تاشلىۋەتمەكچى  بولغاندا بۇنى ئۇنىڭ ئانىسى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، ئانىسى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ« ئەگەر سەن كورت  ئوينىمناقچى بولساڭ قۇلۇڭغا قانداق قارتا چىقىشتىن قەتئىينەزەر ئۇنى تۈگىگىچە ئويناشنى ئۈگىنىۋال.  ئۇنى ھەرگىز  تاشلىۋەتمە. بۇمۇ خۇددى سەن ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىساڭ ئۇنىڭدىن قورقۇپ ۋاز  كەچكەنلىكىڭگە ئوخشايدۇ.  ئەگەر سەن بېشىڭغا كەلگەن ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن  ئۆزۈڭنى  قاچۇرۇشنى ئۈگەنسەڭ ئۆمرۈڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ»  دەپتۇ.
ئارىدىن ئۇزاق يىللار ئۆتۈپتۇ. بۇ بالا ئانىسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپتۇ.  ئۆمرىنىڭ ھەر  بىر باسقۇچىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئۇنىڭدىن ھەرگىز ئاغرىنماپتۇ. بېشىغا   كەلگەن ھەر قانداق ئوڭۇشسىزلىقنى ئىجادچانلىق، خوشاللىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن يېڭىپتۇ. بۇ بالا  بېشىغا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىقلارنى ۋە چوڭ- كىچىك قىيىنچىلىقلارنى ئەنە شۇنداق بىر-بىرلەپ يېڭىپ  ئاخىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇچىرىشدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ مارشالى بولۇپتۇ. مانا بۇ كىشى  ئامېرىكىنىڭ 34-نۆۋەتلىك زوڭتۇڭى ئېزىنخوۋېر ئىدى.
كىشىلىك تۇرمۇشنى چوڭقۇر تەھلىل قىلساق، بەزىدە ئۇ كورت ئوينىغانغا ئوخشايدۇ. بىز قولىمىزغا  تېگىدىغان قارتنىڭ ياخشى- يامان بولۇشىنى كونترول قىلالايمىز. ئەمما، قولىمىزغا تەككەن قارتىنى  قانداق ئويناشنى كونترول قىلالمايمىز. بىز پەقەت قولىمىزغا ناچار قارتا چىقىپ قالسا ئاغرىنماسلىقنى ، ياخشى قارتا چىقىپ قالسا مەغرۇرلانماسلىقنى ئۈگىنىۋالساق، قولغا چىققان قارتىنى پىلانلىق، سېستىمىلىق پۇختا ئويناشنى داۋاملاشتۇرساق، پۈتكۈل ئۆمرىمىزدە پۇرسەت كۆپ، خەتەر ئاز، دوستىمىز كۆپ، دۈشمىنىمىز ئاز، تېنىمىز ساغلام، كېسەللىك ئاز، مۇۋەپپىقىيەت كۆپ، مەغلۇبىيەت ئاز بولىدۇ.
غالىب خۇجىئابدۇللا
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى