ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قۇربانجان ياقۇپ

2012-03-23 12:27:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   


1953-يىلى9-ئاينىڭ15-كۇنى غۇلجا شەھەر يۇقارقى پەنجىم يېزا ئارا مەھەلە كەنىتىدە تۇغۇلغان.
1953-يىلى9-ئايدىن-1960-يىلى9-ئاينىڭ1-كۇنىگىچە ئائىلە تەربىيەسىدە بولدۇم .
1960-يىلى9-ئايدىن1964-يىلى9-ئايغىچە غۇلجا شەھەر يۇقارقى پەنجىم يىزىلىق باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئوقۇدۇم.
1964-يىلى9-ئايدىن 1969-يىلى9-ئايغىچە يەنە غۇلجا شەھەر يۇقارقى پەنجىم يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئوقۇدۇم .
1969-يىلى9-ئايدىن-1973-يىلى 9-ئايغىچە غۇلجا شەھەر يۇقارقى پەنجىم يىزا ئارا مەھەلە كەنىتىدە قايتا تەربىيە ئىلىش ئىشىدا دىخان بولۇپ ئىشلىدىم .
1973-يىلى9-ئايدىن 1976-يلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ مۇزىكا فاكولتىتىدا تەمبىر كەسىپىدە ئوقوپ ئوقۇش تاماملىدىم .
1976-يلى9-ئايدىن-1979-يلى9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەنئەت ئۆمىگىدە  يەنى(ھازىرقى بىڭتۇۋەن سەنئەت ئۆمىگىدە )مۇزىكانىت بولۇپ ئىشلىدىم .
1979-يىلى9-ئايدىن 1989-يىلى12-ئايغىچە (جەمى 10يىل)شىنجاڭ سەنئەت شۆيەنىدە مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم .
 1983-يىلىدىن-1987-يىلى9-ئايغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر داشۆسىدە  خەنزۇ تىلى بويىچە 4يىل ئوقۇپ ئوقۇش تاماملىدىم .
1989-يىلى 12-ئايدىن تا ھازىرغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستاسىسى سابىق ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلىمىدە، ھازىر شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى107.4سەنئەت رادىيۇسىدا مۇھەررىر ۋە مۇخپىرلىق خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمەن.
مەن1989يىلى-12-ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسى سابىق ئەدەبىيات-سەنئەت بولۇمىگە  يۆتكۇلۇپ كەلگەندىن باشلاپ بۇ بۆلۇمدىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشنى باشلىدىم، شۇ مەزگىلدە بۇ بولۇمدە ئىشلىنىۋاتقان پروگراممىلاردىن «تەلەپ بويىچە كونسېرىت پىرۇگىرامما»، «ئەدەبىيات-سەنئەت گۇلزارى ئالاھىدە پىرۇگىرامما»، «كەچلىك سەنئەت ئاڭلىتىش پىرۇگىرامما»، «ئۇزۇلمەس كۇيلەر ئالاھىدە پىرۇگىرامما»، «تەڭرىتاغ ناۋاسى ئالاھىدە پىرۇگىرامما»، «دۆلىتىمىزنىڭ چەتئەلگە يەنى ئۆزبەگىستانغا ئاڭلاتقا جوڭگۇ ئاۋازى پىرۇگىراممىسى » قاتارلىق پىرۇگىراممىلار ئىشلىنىدىغان بولۇپ ،مەن يۇقارقى ئىسمى يېزىلغان ئالاھىدە پىرۇگىراممىلارنى تەشكىل ماڭا قاچان ئىشلەشنى تاپشۇرسا مەن بىجاندىللىق بىلەن تاپشۇرۇپ ئىلىپ پىرۇگىراممىلارنى بىجاندىللىق بىلەن ئىشلەپ كەلدىم. شۇنداقلا يەنە ھەر يىلى كىلىپ تۇرىدىغان مەخسۇس ھېت-بايرام ۋە خاتېرە كۇنلىرى ئۇچۇن ئىشلىنىدىغا مەخسۇس تېمىلاردىكى چوڭ ھەجىمىلىك  ئەدەبىيات-سەنئەت ئاڭلىتىشلىرىنى (كىچىلىكلىرىنى)  ھەر ساھەلەر بويىچە كوللىكتىپ ۋە شەخسىلەرگىچە  زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ زىيارەت مەزمۇنلىرىنى پىرۇگىراممىغا كىرىشتۇرۇپ پىرۇگىرامما  ئىشلەپ ئاڭلاتتىم.
 ئۇندىن باشقا يەنە چەتئەللەردىن دۆلىتىمىزگە ئويۇن قۇيۇپ كەلگەن چەتئەل ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى چوڭ كۇلۇپلاردا قويغان ئويۇنلىرىنىڭ نەق مەيدان ئەمىلى ئەھۋالىنى، دۆلىتىمىز ئىچىدىكى تونۇلغان سەنئەت ئۆمەكلەرنىڭ ئۇرۇمچىگە كىلىپ قويغان ئويۇنلىرىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى نەق مەيدان ئەمىلى ئەھۋالىنى، يەنە شۇنىڭدەك ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭ مەخسۇس سەنئەت كىچىلىكلىرىنى،  ھەم يەنە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالى سەنئەت بىلىم يۇرۇتلىرىدا ئوقۇپ ئوقۇش پۇتتۇرگەن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇتتۇرۇش دوكىلات ئويۇنلىرىنىڭ  نەق مەيدان ئەمىلى ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن لېنتىغا ئىلىپ تەھرىرلەپ نەق مەيدان ئەمىلى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتىم .
بولۇپمۇ مەن «ئۇزۇلمەس كۇيلەر پىرۇگىراممىنى» ئىشلىگەن ۋاختىمدا 300دىن ئارتۇق خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان مۇقامچى، ناخشىچى، چالغۇچى، كومپۇزېتۇر قاتارلىق سەنئەتكارلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى بىلەن ئۇلارنى ھەر پىرۇگىراممىدا تونۇشتۇرۇپ، ھەم ئۇلار ئۆزلىرى ئىيىتقان مۇقام ۋە ناخشىلارنى، چالغان مۇزىكىلىرىنى، ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىنى پىرۇگىراممىغا بىرلەشتۇرۇپ پىرۇگىرامما ئىشلەپ ئاڭلاتتىم .شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتا ئىشلەنگەن  پىرۇگىراممىلىرىم (مەخسۇس تېمىلاردىكى ئالاھېدە پىرۇگىراممىلارمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە) ئىچىدىكى ئايرىم پىرۇگىراممىلار  ھەر يىلقى رادىيۇ، كېنۇ، تىلۋىزىيە پرۇگىراممىلىرىنى باھالاشتا رادىيۇ، كېنۇ، تىلۋىزىيە ئىدارىسى بويىچە، ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە ھەم مەملىكەت بويىچە رادىيۇ،كېنۇ،تىلۋىزىيە پىرۇگىراممىلىرىنى باھالاشتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا1-2-3-دەرېجىلەرگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاىنىپ كەلدى .
ئۇندىن باشقا كۆپ قىسىملىق ۋە بىر قىسىملىق رادىيۇ دىراممىلىرىدىدىن «قۇدىرەتلىك ئىلاھ»، «خارابىلىقتىكى توي»، «گىرىمچى بىلەن قاچقۇن»، «كۆمۇرچى بالا»، «ژۇلغۇ» قاتارلىق كۆپ قىسىملىق ۋە بىر قىسىملىق رادىيۇ دىراممىلىرىنى مۇزىكىلاشتۇرۇش بىلەن تەقلىدى ئاۋازلار رىجىسسۇرلىغىنى ئىشلەپ ئاڭلاتتىم .
يەنە ئۇرۇمچىدىكى كومپۇزىتۇر، مۇقامچى، ناخشىچى، چالغۇچى قاتارلىق سەنئەتكارلارنى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ھەرقايسى رايۇنلاردىن ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇمچىگە كەلگەن داڭلىق سەنئەتكارلارنىڭمۇ ئۇرۇمچىگە كىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىنى بىزگە ناخشا-مۇزىكا بىرىشكە تەشكىللەپ  خەلق ناخشا-مۇزىكا ۋە ئىجادى ناخشا-مۇزىكىلاردىن بولۇپ  1000 دىن ئارتۇق سەنئەت نومۇرىنى لېنتىغا ئالدىم .
 يەنە 7-قىتىملىق ۋە 12-قىتىملىق مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستاسىسى بىلەن  شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى ئەدەبىيات سەنئەت بۆلۇمى بىرلىشىپ قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى بىلەن ئۇرۇمچىدە ئۆتكۇزگەن مۇكاپاتلىق ناخشا-مۇزىكا
قوبۇل قىلىش پائاليىتىدە يېڭىدىن 300گە يىقىن مۇقام ۋە ناخشا-مۇزىكا قوبۇل قىلدىم.
2003-يىلى رادىيۇ،كېنۇ،تىلۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ يول-يورۇغى،شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۇم رەھبەرلىگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆزەم تەشكىللەپ 12يۇرۇش ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى تولۇغى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك لېنتىغا  ئىلىپ چىقتىم .
2008-يىلى3-ئايدا پىچانغا بىرىپ تۇرپان، پىچان يەرلىك مۇقاملىرىدىن «پەنجىگاھ مۇقامى» بىلەن « ئوشاق مۇقامى»نى بۇنىڭغا بىرلەشتۇرۇپ بىر تۇكۇم پىچان خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى لېنتىغا ئىلىپ چىقتىم .
يەنە ئىلىمىزدىكى ۋە چەتئەلنىڭ بولۇپ 30دىن ئارتۇق كۇلدۇرگە ۋە ئىتۇتلارنى ژىغىپ ئاڭلىتىشقا تەييارلىدىم ھەم ئارخىپلاشتۇردۇم .
مەن شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسى ئەدەبىيات-سەنئەت بولۇمىگە يۆتكۇلۇپ كەلگەندىن باشلاپ يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن سىرىت يەنە 1990-يلىدىن باشلاپ 2008-يىلىغىچە بولغان 18يىل جەريانىدا ئىستاسىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئامبىرىغا  تۇنقى كىرگەن خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى،كىلاسسىك 12مۇقام يەنى«مۇقام شۇناس تۇرداخۇن ئاكا ئورۇنلىغان كىلاسسىك 12مۇقامنىڭ 1-قول لېنتىسى» يەرلىك مۇقاملار يەنى قەشقەرلىق مۇقامچى قاسىماخۇن ئاكا ئۇرۇنلىغان قەشقەر 12مۇقامىنىڭ چوڭ نەغمە قىسىمى،ئىلىلىق روزى تەمبىر بىلەن ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپ ئورۇنلىغان ئىلى 12مۇقامى بىلەن ئىلى خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى، پىچان لۆكچۇنلۇك مۇقامچىلاردىن نۇرسۇۋاڭ بىلەن مۇھەممەت مەزىنلەر ئورۇنلىغان پىچان لۆكچۇن مۇقاملىرى،كۇچارلىق نىساخان ھەدە ئورۇنلىغان كۇچا خەلق ناخشىلىرى ئىجادى ناخشا-مۇزىكىلار،خەلق ئەلنەغمىلىرى،خەلق داستانلىرى بولۇپ ھازىرغا قەدەر 10،000مىڭدىن ئارتۇق سەنئەتنىڭ ھەرخىل تۇرلىرىنى مۇقام ۋە ناخشا-مۇزىكىلار ئىسمى،تېكىسىت ئاپتۇرى بىلەن ئىجات قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،مۇقام ئىتقۇچى بىلەن ناخشا ئىتقۇچىنىڭ   ئىسىم-فامىلىسى،چالغۇچى بىلەن تەڭكەش قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى،نومۇرلارنىڭ ئومۇمى ۋاختى،تەۋەلىگى،رەت نومۇرى قاتارلىقلارغىچە ئەسلى چوڭ پەنشىرلىك ئانا لىنتىلارنى بىر گۇرۇپپا،ئەسلى ئانا لىنتىلاردىن كۆچۇرۇلگەن ئىككىنچى قول لىنتىلارنى ئىككىنچى گۇرۇپپا،قاپلىق لىنتىلارغا كۆچۇرۇلگەن نۇسقىسىنى  ئۇچۇنچى گۇرۇپپا،لازىر نۇرلۇق دىسكىلارغا كۆچۇرۇلگەن نۇسخىسىنى تۆتىنچى گۇرۇپپا قىلىپ كۆچۇرۇلگەن لېنتا بىلەن يازما ماتىريالىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم .
يەنە يۇقارقى سەنئەت نومىرلىرىدىن باشقا رادىيۇ ئىستانسىسى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا خەلقىمىز قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاغلىق دىكتۇرلىرىمىز:تۇرسۇن تىلىۋالدى،توختى نۇر،غالىپ نىياز،رىسالەت ناسىر،گۇلنىسا ئىمىن، ئاسىيە ئېزىز قاتارلىق تونۇلغا دىكتۇرلىرىمىز ئوقىغان رومانلار، 200قىسىمدىن ئارتۇق رادىيۇ دىراممىلىرى،غىرىپ-سەنەم،ياشىسۇن خەلق گوشىسى قاتارلىق ئوپىرا ۋە دىراممىلار،قىزىل چىراق قاتارلىق كېنۇلارنىڭمۇ ئوخشاشلا كۆچۇرۇپ رەتلەنگەن ۋە يازما ئارخىپ ماتىريالىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم . 
كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى